خەلق تورىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2013-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا روسىيە دۆلەتلىك دۇما رەئىسى نارىشكىن بىلەن كۆرۈشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياخشى ئاساسقا شۇنداقلا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۆز-ئارا ئېھتىياجقا ئىگە. زىيارەت مەزگىلىدە مەن پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولدۇق، رۇسىيە دۆلەت دوماسىنىڭ پائال قوللاپ، تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئوڭۇشلۇق ۋۇجۇدقا كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلام، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى بولۇپمۇ ياشلار ۋەكىلى ۋە پارلامېنتلار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىشىنى، ئۆرنەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى رۇسىيە دۆلەت دوماسىدىكى ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلار بىلەن ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى تۇرغۇزدى، جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيەلەر ئالاقىسىنى ئاۋۋالقىدەكلا كۈچەيتىدۇ.