باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇتاشما نامرات رايونلار يېڭى ئون يىلدا دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاساسىي مەيدانىغا ئايلىنىدۇ

2013.03.22 17:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۆنۈگۈن 2013-يىللىق جۇڭگودىكى تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات دوكىلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكىلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ ۋۇلىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق 11 مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قېلىپىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىش، چەتكە قايرىلىپ قويۇش، قۇتقۇزۇلىدىغان رايون قىلىنىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رايون تەرەققىيات مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىش كەلگۈسى ئون يىلدا دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇقەررەر تاللاش.

  خۇبېي ئۆلكىسى شۇەنئېن ناھىيىسى چاڭتەن دەرياسى شياۋبا كەنتىدىكى دېھقان چېن شىجۈن ئىلگىرى ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر قەدەر چەت ياقا جايدا تۇراتتى، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ، بازارغا بېرىش ئۈچۈن نەچچە ئون چاقىرىم تاغ يولى يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن بۇيان يولغا قويغان نامراتلارنى يۆلەپ كۆچۈرۈش خىزمىتىدە، چېن شىجۈن شۇ جايدىكى 10 دېھقان ئائىلىسى بىلەن بىللە قاتناش قولايلىق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ: ھۆكۈمەت ۋە كەنتىمىز بىزنى كۆچۈرۈپ كەلدى، شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ھازىر تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، دېدى.

  تۆنۈگۈن ئېلان قىلىنغان جۇڭگودىكى تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ 2013-يىللىق تەرەققىيات دوكىلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىستراتېگىيىسى ۋە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ قوللىشى ۋە تۈرتكىسىدە، چېن شىجۈنگە ئوخشاش تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايوندا تۇرۇشلۇق ئاممىنىڭ تويۇنۇش كىيىنىش مەسىلىسى ئاساسەن ھەل بولدى، ئەمما تەرەققىيات مەسىلىسى يەنىلا ئۇلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان توسالغۇغا ئايلانماقتا، تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ قىيىنچىلىقى نىمە؟ جۇڭگو تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار تەرەققىيات دوكىلاتىنىڭ تۈزگۈچىسى يۇۋ جۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بىر قەدەر ئازايدى، ئەمما نامراتلىق دەرىجىسى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، تۇتاشما نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىق دەرىجىسىدىمۇ بىر قەدەر زور پەرق مەۋجۈت.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مەمۇرىي كادىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەن ۋېيپىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ، ئېلىمىزدە 11 مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىي پىلانى يولغا قويۇلغان، بۇ ئېلىمىزدە نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلىدۇ؟ كۆپ تەرەپلىك نامراتلىقنى ئازايتىش بىلەن ئۆز تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفىسسورى، دوكتور يېتەكچىسى دەي خۇڭۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: نامرات رايونلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى جارىي قىلدۇرساق. نامرات رايونلارنىڭ شارائىتى ناچار، نامرات رايونلاردا ساقلىنىۋاتقان ناچار ئايلىنىشنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئالايلۇق: دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى تېخىمۇ كۆپ تۈر مەبلىغى بىلەن تەمىنلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە ھازىرقى شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۇتاشما نامرات رايونلاردا نىشانلىق ھالدا ئاساسىي بىر قەدەر ياخشى شەھەر بازارلارنىڭ مەركىزىي شەھەر بازارغا ئايلىنىشىغا مەدەت بېرىپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولساق، نامرات رايونلارنىڭ بايلىق جەھەتتە ماسلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كوللېكتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرساق. ئۆز ئارا ماسلىشىپ ئىش تەقسىم قىلىپ، كەسپ توپلىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، تۇتاشما نامرات رايونلارنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتسەك.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفىسسورى جاڭ كېيۈن مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇردى: نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت، ئىلگىرىكى ياردەم بېرىش تىپىدىكى نامراتلارنى يۆلەش تەجىربىلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئىقتىدارىنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش تىپىدىكى نامراتلارنى يۆلەش يولغا قويۇلغىنىغا ئوتتۇز نەچچە يىل بولدى، بەزى نامرات ناھىيىلەر نامرات ناھىيە قالپىقىنى كىيىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇندىن كېيىن نامراتلارنى يۆلەشنىلا ئەمەس، بەلكى نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلۇشنى مۇھاكىمە قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە