باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا ئېلىكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ 2012-يىللىق سودا سوممىسى 7 تىرىليون 850 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ

2013.03.22 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئېلىكتىرونلۇق سودا تەتقىقات مەركىزى 22-مارت دوكىلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا ئېلىكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ 2012-يىللىق سودا كۆلىمى 7 تىرىليون 850 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.83 ئاشتى. ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىياتى نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. دوكىلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2012-يىلى دېكابىرغىچە ئېلىكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى كارخانىلىرىدا بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2 مىليوندىن ئاشتى، ئېلىكتىرونلۇق سودىدىكى ۋاستىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 15 مىليوندىن ئاشتى.

  جۇڭگو ئېلىكتىرونلۇق سودا تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەھلىلچىسى جاڭ جۇپىڭ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئېلىكتىرونلۇق سودا يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، يېڭى بازار، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇسۇللىرىنى شەكىللەندۈردى. تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودىغا چېتىشلىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، بازارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا كەسپى ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئىھتىياجى ئاشتى، ئېلىكتىرونلۇق سودا ياراتقان بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يەنىلا ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىكتىرونلۇق سودىدىن 3-تەرەپ ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان سودا، تور مودىلى قاتارلىق يېڭىچە كەسىپلەر ھاسىل بولىدۇ، ئېلىكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ بىرلەشمە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە