باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يولنىڭ قاتناش باھاسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرمەيدۇ

2013.03.22 17:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ چاڭچىڭ 22- مارت مۇنداق دېدى: تۆمۈر يول ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئۇل كەسىپ. تۆمۈر يولنىڭ قاتناش باھاسى ھەم تۆمۈر يولنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىش تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەم ئاممىنىڭ كۈندۈلۈك سەپەرگە چىقىشى ۋە جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. تۆمۈر يول قاتناش باھاسىدا ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى يولغا قويىلىدۇ. جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ خىل قاتناش باھاسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يولغا قويىلىۋاتقان تۆمۈر يول قاتناش باھاسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى «باھا قانۇنى» ۋە «ھۆكۈمەتنىڭ باھا بەلگىلەش مۇندەرىجىسى» گە ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ باھا، تۆمۈر يول باش مەسئۇل تارماقلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن باھا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى يولغا قويىلىدۇ. دۆلەت تۆمۈر يول قاتناش باھاسىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن ئىھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدۇ، تۆمۈر يولنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشى ۋە قۇرۇلۇش ئىھتىياجى، جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، تۈرلۈك توشۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر يولدا ماڭىدىغان يولۇچىلارنىڭ قاتناش بېلەت باھاسىغا قارىتا بەلگىلىمە بويىچە ئىسپات ئاڭلايدۇ.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكىتىسيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھىسىگە ئاساسەن، دۆلەت تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، تۆمۈر يوللاردا مەبلەغ جۇغلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە قاتناش باھاسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، قېلىپلاشقان ئاممىۋى لىنىيە يولى ۋە تىرانسىپورت تولۇقلىما مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆمۈر يول كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە