باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈندىن باشلاپ روسىيەدە ۋە ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ

2013.03.22 14:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تانزانىيە زۇڭتۇڭى جىكۈيتې، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، كونگو جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى ساسۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈندىن باشلاپ 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باندې شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ سىرتقا تۇنجى زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتى بولغاچقا، كەڭ دىققەتنى قوزغىدى. (مۇخبىر سۇ نەن)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە