2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20 -كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا ئالتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىراق ئۇرۇشى رەسىمىي پارتلىدى. مانا بۈگۈكى كۈندە، ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغىنىغا 10 يىل بولدى. بۇ 10 يىل جەريانىدا، سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، كۆپ دۆلەت ئارمىيەسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ھوقۇقنى قايتۇرۇپ بەردى، ئومۇمىي خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىنىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى رەسىمىي قۇرۇلدى، ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تاماملىدى......
1968-يىلى، بەككېر گۈللىنىش جەمئىيىتى پارتىيەسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، 2-قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىپ، ئىراقنىڭ پىرېزىدېنتى بولغان. بەككېر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 10 يىلدا، ئىراقنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز ئاشقان. 1979-يىلى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت سادام ياشانغان بەككېرنىڭ ئورنىغا پىرېزىدېنت بولۇپ، گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ داھىيسى بولدى، بۇ قېتىمقى ئىراق ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇن، گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئىدى.