باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىندا مەملىكەت ئىچىدىكى خام نېفىتنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى باھانى تەڭشەش ئېھتىيات سىزىقىغا يېقىنلاشتى

2013.03.22 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەشتە پايدىلىندىغان دۇبەي، بىرېنت، سىنتادا خام نېفىتنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىمۇ باھانى تەڭشەش ئېھتىيات سىزىقىغا يېقىنلاشتى. بازار ئاپپاراتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرلىشىچە، يىل ئىچىدىكى ماي باھاسىنى تۇنجى قېتىم چۈشۈرۈش كۆزنىكى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلىشى مۇمكىنكەن.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ يىل تۇنجى قېتىم ماي باھاسىنى تەڭشىگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى، ئەينى ۋاقىتتا بېنېزىن ۋە دېزىلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 300يۈەن ۋە 290 يۈەن ئۆسكەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تەييار ماينىڭ باھاسىنى بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى، كەىسپ ساھەسىدىكىلەر يېڭى مېخانىزمنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باھانى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش-بولماسلىق توغرىسىدا يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە