باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا: مالىدا جانلانغان ئىسلام قوللىغۇچىلىرى تەشكىلاتى جازالىنىدۇ

2013.03.22 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 21- مارت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مالىدا جانلانغان ئىسلام قوللىغۇچىلىرى تەشكىلاتى جازالىنىدۇ؛ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى بارلىق مال مۈلۈكى توڭلىتىلىدۇ.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:فرانسىيە ئارمىيەسى بۇ يىل 1-ئايدا رەسمىي ئارمىيەنى ئىشقا سېلىپ ئارىلىشىشتىن ئىلگىرى، ئىسلام قوللىغۇچىلىرى تەشكىلاتى يەنە تىزگىنلەپ تۇرىۋاتقان مالىنىڭ شەھەر بازارلىرىدىكى تىز پۈكمىگەنلەرگە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش، قىيىن قىستاققا ئېلىش ھەتتا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بازا تەشكىلاتى كېسىم كومىتېتى ئىسلام قوللىغۇچىلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ،بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇلارنىڭ مال مۈلۈكىنى توڭلىتىش، چېگرىدىن كىرىش ۋە قۇرال ياراق يۆتكىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە