باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سۇلياۋ تاماق قاچىسىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى ئېلان قىلدى

2013.03.21 17:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سۇلياۋ تاماق قاچىسىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا قارىتا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، بەش تۈرلۈك سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، سۇلياۋ تاماق قاچىسى دۆلەتنىڭ يېمەكلىك ئوراش قاچىسىغا ئالاقىدار ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككىنچى، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى، خەلقئارادا نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار ئىشلىتىۋاتىدۇ. تۆتىنچى، نېفىت بايلىقىنى تېجىگىلى بولىدۇ. بەشىنچى، ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولدى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئالغان، ھەرقايسى تەرەپلەر پىكىردە بىرلىككە كەلگەن. نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلار سۇلياۋ تاماق قاچىسى تۈرلىرىنى تەڭشەشنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچى ۋە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش، كەسپىي ئىجازەت، يىغىۋېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش ۋە نازارەت قىلىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە