باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم ئىراقتا نېفىت جەھەتتە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشتى؟(1)

2013.03.22 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆرلەپ ھەر كۈنى ئۈچ مىليون 400مىڭ باكقا يېتىپ، 1979-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى، نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان نېفىت شىركەتلىرى بىلەن توختام ئىمزالىدى، كېم ئىراقتا نېفىت جەھەتتە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشتى؟

  ئىراق ئۇرۇشى پارتىلىغانلىقىغا 10 يىل بولدى، بۇ تالاش-تارتىشقا، ئازدۇرۇشقا تولغان 10 يىل. 10 يىل ئالدىدا بۇ ئۇرۇش بوش ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت تارتىۋېلىش ئۇرۇشى دەپ ئاتالغانىدى. 10 يىلدىن كېيىن خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت ئىراقتا ئىقتىسادنىڭ %9كە يېقىن ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە نېفىت ئېكسپورتى ئۇرۇشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا ئېشىپ كەتتى. ئىراقنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى ئىسترابات مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراقنىڭ مول نېفىت بايلىقى چوڭ تىپتىكى نېفىت شىركەتلىرىنى زور پايدىغا ئېرىشتۈردى. يەنە بىر جەھەتتىن ئىراق ئاممىسى نېفىتتىن بۇنداق نەپكە ئېرىشىپ باقمىغانىدى. ئۇلار يەنىلا يۇقىرى ئىشىسزلىقنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماقتا، دىنى مەزھەپ قوزغىغان تۈرلۈك ئۆچ ئېلىش، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بىسەرەمجان قىلماقتا. بۇ ئۇرۇش ئىراقنىڭ نېفىت بايلىقىنى زادى قايسى تەرەپكە ئاققۇزدى؟ ئىراق ئاممىسى قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ؟

  ئىراقنىڭ نېفىت كەسپىنىڭ گۈللىنىشى- پۈتكۈل نېفىت بازىرىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئېھتىياجى كۆپ ئەمەس، خەلقئارا نېفىت بازىرى باھاسى مۇقىملاشتى ھەمدە تۆۋەنلىدى.

  داۋالغۇۋاتقان يەر شارى نېفىت بازىرىدا ئىراق كېيىنكى قائىدىنى ئۆزگەرتكۈچى يوشۇرۇن كۈچكە ئايلاندى.

  كەلگۈسى نېفىت قائىدىسىنى ئۆزگەرتكۈچى

  ھەر ھەپتىدە ئالتە يەتتە چوڭ تىپتىكى پاي پاراخوت گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن پاراخوت زۇبەر پورتىغا كىرىدۇ، بۇ ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق پورت قىسقىغىنا ۋاقىتتا جانلىنىپ كەتتى. ئىشچىلار ئالدىراش ماي تۇرۇبىلىرىنى ئۇلايتتى، مىليون توننىلاپ خام نېفىت توختىماستىن ئېقىۋاتاتتى، ئىراقتىن پۈتۈن دۇنياغا ئېقىۋاتاتتى.

  ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن بۇيان، ئىراقنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۆپىيىپ ھەر كۈنى ئۈچ مىليون 400مىڭ باكقا يېتىپ، 1979-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارى رېكورتىنى ياراتتى.

  خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە باشقۇرۇش ھەيئىتى مارىيە ۋاندىرخۇۋېن مۇنداق دېدى: داۋالغۇۋاتقان يەر شارى نېفىت بازىرىدا ئىراق قائىدىنى ئۆزگەرتكۈچى يوشۇرۇن كۈچكە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە ئىراق دۇنيادىكى 3-چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى. خەلقئارا ئېنېرگىيە باش مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەنە 20 يىلدىن كېيىن، ئىراق سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسىلا 2-چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، خەلقئارا جازالاش ۋە توقۇنۇش ئىراقنىڭ نېفىتچىلىك تەرەققىياتىنى ئارقىغا چېكىندۈردى، ئەمما يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىراق ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە نېفىتچىلىكى، جۇڭگو نېفىتچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان نېفىت كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق توختىمى ئىمزالىدى، نېفىتچىلىك تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ گۈللىنىشكە باشلىدى.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا نېفىت بازىرى ئىراقنىڭ مول نېفىت نېفىت زاپىسىغا كۆز تاشلىدى. ئەڭ يېڭى قىدىرىش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىراقنىڭ نېفىت زاپىسى 140مىليارد باكتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ نېفىت «ئەرزان باھالىق نېفىت» دەپ ئاتالدى، ئەرزان باھا ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولغانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئېچىش تەننەرقىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدا. ئېچىشتا نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ئېچىش تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەندىلا بۇ نېفىتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە