باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي بېقىش ئازابىنى تارتقان ئاتا ئانىلار ۋە بالىلاردىن ئەپۇ سورىدى

2013.03.22 11:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 21- مارت ئەپۇ سوراش باياناتى چىقىرىپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە يولغا قويۇلغا مەجبۇرىي بېقىش سىياسىتىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان ئاتا ئانىلار ۋە بالىلاردىن ئەپۇ سورىدى.

  ئاۋسترالىيەنىڭ باش مىنىستىرى گىللارد بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ خاتا سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى نومۇس بولۇپ، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئانىلار ۋە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارغا ئۇنتۇلغۇسىز ئازاب قالدۇردى. گىللارد باياناتىدا ھۆكۈمەت زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىن مەدەت بېرىدۇ، دېدى.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە مەجبۇرىي بېقىش دەپ ئاتالغان بۇ سىياسەتكە ئاساسەن، ئاۋسترالىيەدىكى توي قىلمىغان نەچچە ئون مىڭ ئانا ئۆز بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياش ئۆسمۈرلەر. بۇ بوۋاقلارنى ھەر قايسى شتاتلىق ھۆكۈمەتلەر مەجبۇرىي بېقىۋالغان ھەمدە پەرزەنتى يوق توي قىلغان ئەر خوتۇنلارغا بېرىۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە