باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەپتىش ئورگانلىرى خەلق تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايەتلەرنى مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەتچىلىك قىلىدۇ

2013.03.22 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى ئاپرېلدىن دېكابىرغىچە خەلق تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ، نۇقتىلىق ھالدا يېمەكلىك دورا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، مۇھىت بايلىقى، ئەمگەك كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 21-دېكابىر ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تارقاتقان خىزمەت لايىھەسىگە ئاساسەن، مەخسۇس نازارەتچىلىك قىلىش خىزمەت نىشانى- مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ئورگانلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى نازارەت قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزگەن دېلولارنى دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىش، ئاممىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى تىرىشىپ قوغداپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش؛ دېلو يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغان، دېلو يۈز بەرگەن بولسىمۇ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرمەيدىغان، جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاشنىڭ ئورنىغا جەرىمانە قويىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان كەسپىي جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، ئادىل پاك قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى بازارنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى رەتكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر تۈركۈم مۇھىت بۇلغىنىش ۋەقەلىرىگە قارىتا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا قانۇن ئىجراسى تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى يېتەرسىز بولۇش، جىنايى جازانىڭ ئورنىغا جەرىمانە قويۇش ئەھۋالى ساقلانماقتا، ئامما بۇنىڭدىن ئىنتايىن نەپرەتلەندى. تۈرلۈك مۇھىت بۇلغىنىش جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەپتىش ئورگانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ئورگانلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دېلولالارنىڭ يوقاپ كېتىش ياكى زەربە بېرىش يېتەرسىز بولۇشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە