باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە بېنىز، BMW، ۋولكىسۋاگېن، تويوتا قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بىرلىشىپ باھا ئۆستۈردى دېگەن گۇمان بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە

2013.03.22 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بۈگۈن سەھەردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېنىز، BMW، ۋولكسىۋاگېن، تويوتا قاتارلىق تۆت چوڭ داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ كورېيەدىكى شىركەتلىرى بىرلىشىپ باھا ئۆستۈردى دەپ گۇمان بىلەن ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  خەۋەرگە قارىغاندا، 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئادىل سودا كومىتېتى تۆت كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، BMW، بېنىز، ئوۋدى، تويوتا قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ كورېيەدىكى شىركەتلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى سىجىللىق نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. ھەتتا بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ مالىيەگە ئائىت ماتېرىياللىرى ۋە خىزمەت كومپيۇتېرلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن. كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى ئاپتوموبىل ئىمپورت سودىگەرلىرى بىلەن ئىمپورت ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ بازارنى كونتىرول قىلىش، باھانى مۇنۇپۇل قىلىش قىلمىشى بار-يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: ۋولكىسۋاگىن شىركىتى مەسىلە كۆرۈلگەن 380 مىڭ ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇپ كەلدى href='http://auto.people.com.cn/n/2013/0321/c1005-20862745.html'> مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە