باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق مەخسەت سالام: مېنىڭ ئۆيۈم چېگرا سىزىقى يېنىدا

2013.03.22 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېقىندىن بۇيان چېگرا سىزىقى ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن نورمال بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەنكى چارلاشنى تۈگەتكەندىن كىيىن مەن دەپتەرگە يەنىلا «ھەممە ئىشلار جايىدا» دەپ يازدىم. 21-مارت، چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ماخسات ئىسلامغا تېلىفون قىلغاندا، ئۇ يەنىلا چارلاش نەتىجىسىنى ئېلىپ ئەمدىلا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى.جېمىنەي ناھىيەسى جېمىنەي يېزىسى سارئۆلەڭ كەنتى «جۇڭگو قازاقىستان چېگرىسىدىكى بىرىنچى كەنت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كەنتنىڭ چېگرا سىزىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 مېتىرمۇ كەلمەيدۇ. ماخسات ئىسلام مۇشۇ جايدا چوڭ بولغان.

  چارلاش جەريانى تەكرار ئەمگەك بولۇپ، چارلاش نەتىجىسىمۇ ئاددىي، بىراق ماخسات ئىسلام مۇنداق دېدى: چۈشتە ۋە كەچتە مەن يەنە چارلاش ئېلىپ بارىمەن، ئارىلىقتا توختاپ قالسام بولمايدۇ. 24 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تۈردە چارلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.24 يىل قار ـ بوران، يامغۇر ـ يېشىنغا قارىماي، 24 يىل مېھنەتسىز ئكزىنى تەقدىم قىلىش چېگرىغا جايلاشقان كەنتتىكى ماخسات ئىسلامنى «داڭلىق» ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇ 2011-يىلى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر چېگرا رايون قوغدىغۇچىسى «جۇڭگو ياخشىلار تېزىملىكى»دىن شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالدى.

  بۇلتۇر 8-ئايدا، چېگرا سىزىقىغا سىنكۆز ئورنىتىلدى. پىرىنسىپ بويىچە بولغاندا، ماخسات ئىسلام ئەمدى بۇرۇنقىدەك چارچىماسلىقى كېرەك ئىدى، چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن مال ـ چارۋىلارنى ھەيدىمىسىمۇ، تۆمۈر سىم تورىغا يىقىنلىشىپ قالغان دورا يىققۇچىلار ۋە ئىشلەمچىلەرنى توسىمىسىمۇ بۇلاتتى. بىراق ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە سىنكۆز ئەسلىھەلىرى ۋە يولنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشۈم كېرەك، ـ دەپ قاتتىق تەلەپ قويدى.

  24 يىللىق چارلاش جەريانىدا ماخسات ئىسلام چېگرىدىن ھالقىغان شىددەتلىك ئوتنى ۋاقتىدا بايقاپ، پۈتۈن كەنتنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ قالدى؛ غايەت زور قار ـ بوراننىڭ ھۇجۇمىدا توڭلاپ قالغىلى تاس قالدى؛ ئات ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشكەن چاغلىرىدىمۇ، ئاغرىققا چىداپ چاقماق ياندۇرۇپ سىپاشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۈيىگە قايتتى... ھەر قانداق قىينچىلىق، ئۇنى توسۇپ قالالمىدى. باشتىن ئاخىر ئۇ بىر خىل ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسدە تىك تۇرۇپ كەلدى: مەن ئۆز يۇرتۇمنى، ۋەتىنىمنى قوغداۋاتىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە