- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىككى يىغىندىن كېيىن 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى تولۇق تەيىنلىنىپ بولدى، ئوتتۇرىچە يېشى 59.2 ياش
2013.03.22 14:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى قارار ئېلان قىلىپ، خېبېي، خېيلۇڭجياڭ، جياڭشى، خېنەن، خۇنەن قاتارلىق بەش ئۆلكىنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسىنى تەڭشىدى. 3-ئاينىڭ بېشىدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، سۇ رۇڭ قاتارلىق بەش نەپەر ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىلىرى يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن بوشلۇق ھازىر تولۇقلىنىپ بولدى.
31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى ئىچىدە، سۈن چۈنلەن، سۈن جېڭسەي، جاڭ چۈنشيەن، خۇ چۈنخۇا، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ قاتارلىق ئالتەيلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى.
بۇ 31 شۇجىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59.2 ياش، بۇ 2012-يىلدىكى ئوتتۇرىچە 58.1 ياشقا سېلىشتۇرغاندا سەل يوقىرى. ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يۇقىرى ئالتە ئەزاسىنى ھېسابلىمىغاندا، قالغانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59.7 ياش. (مۇخبىر سۈي شياۋلى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە