خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، باھار قۇياشى پارلىغان بېيجىڭ ئاسمىنى قاردىن كېيىن تولىمۇ سۈزۈك ئىدى. تاڭ سەھەردە، گوۋۇيۈەننىڭ كىچىك يىغىن زالىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىردى ھەمدە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبىرىي يولداشلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ۋە تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلار جاكارلاندى، «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئومۇميۈزلۈك خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. (مۇخبىر بەي جېنجى)
مەنبە: خەلق تورى