- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۆسۈم نىسبىتى «كېمەيتىش دەۋرى» كەلمەسكە كەتتى
ئۆي سېتىۋېلىش قەرزى كەسپى نېمىشقا بۇرۇنقىدەك قايناق ئەمەس؟
2013.03.22 14:43 مەنبە: خەلق تورى
ھازىر تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ ئېتىبار ئۆسۈملۈك ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىگە ئېرىشمىكى بارغانسېرى قىيىن بۇلۇپ كەتتى. مۇخبىر يېقىندا گۇاڭجوۋدا زىيارەتتە بولغاندا، گەرچە بىر قىسىم بانكىلار بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئېتىبار ئۆسۈملۈك ئۆي قەرزىنى شەرتلىك تەمىنلەپ بېرەلەيمىز دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىلتىماس قىلىش جەريانىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى، پاي تۈزۈمىدىكى بىر قىسىم بانكىلارنىڭ ھەتتا ئۆي سېتىۋېلىش قەرزى كەسپىنى توختاتقانلىقىنى بايقىغان.
كەسپكار تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆي سېتىۋېلىش قەرزى كەسپىدە ئېتىبار بېرىشنى توختىتىش ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قالغان، «ئۆي سېتىۋېلىش ئارزۇسى»غا يېتىشنى ئويلاۋاتقان «جىددىي ئىھتىياج»لىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار دۇچ كەلگەن ھەقىقىي تۇسالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ بىلەن كىرىمى ماس كېلىش-كەلمەسلىكى بولۇپ قالغان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ كەيلېي)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە