باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

87 نەپەر ئۆلكە-مىنستىر دەرىجىلىك كادىرلار ئىچىدە ئاسپىرانتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر %85نى ئىگىلىگەن، دوكتۇرلار %20 تىن ئاشقان

2013.03.22 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەڭشەش يەنە بىر قېتىم زىچ ئېلىپ بېرىلىپ، مەركەزنىڭ كۆپلىگەن مىنىستىرلىق-كومىتېت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە چېتىلدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىنگە قەدەر، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى تەڭشەش ئاخىرلاشتى. 87 نەپەر ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، ئۆز دائىرىسىگە رەھبەرلىك قىلىشقا كىرىشتى.

  خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 87 نەپەر ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار ئىچىدە، ئاسپىرانتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر ياكى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر ئومۇمىي ساننىڭ %85نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بارلار %22 نى ئىگىلەيدىكەن. 25 نەپەر مىنىستىرلىق-كومىتېت مەسئۇللىرى ئىچىدە، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بارلار جەمئىي 9 نەپەر ئىكەن.

  ۋاڭ يۈكەي ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېڭى نۆۋەتلىك كادىر تەڭشەشتە ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە قارىغاندا ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەش بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە