باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردىن يېمەك ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

2013.03.22 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن تارقاتقان ئىككى خىزمەت ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھەر بىر مەكتەپ، يەسلىدە يېمەك ئىچمەك ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونكرېت چارىسى تۈزۈلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەكتەپلەرمۇ يېمەك ئىچمەك ئىسراپچىلىقى مەسىلىسىگە قارىتا بىر قېتىم ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رەتكە سالىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ،«ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىي تاماق يېيىشىنى نازارەت قىلىش خادىملىرىنى» ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىدۇ. جايلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك كۆرسەتكۈچ قىلىپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، ئىلغارلىرىنى باھالاش بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. جايلار تېجەشلىك بولۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە مائاشى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ھەر خىل تەشۋىقات يوللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «تېجەشلىك بولۇش شەرەپلىك، ئىسراپچىلىق نومۇس» دېگەن ئىدىيەۋى قاراشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، خىزمەتتىكى بىپەرۋالىق، ئىسراپچىلىق ئېغىر بولۇشتەك ئەھۋاللارنى قەتئىي ئاشكارىلايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا جايلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر قانات يايدۇرغان تېجەشلىك بولۇش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: ئوقۇغۇچىلارنى ئاشلىق، سۇ تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بازىلىرىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، ئاشلىق، سۇ تېجەش ساۋاتلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەش، ئالاقىدار تەتقىقات تىپىدىكى ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرساق؛ يېمەك ئىچمەك ئىسراپچىلىقى، ئىشخانىدىكى قەغەز ئىشلىتىش، ئائىلىلەردىكى سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتتە تەكشۈرۈشكە تەشكىللىسەك. شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر ھەر بىر ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، يېزا مەكتەپلىرى مەكتەپلەردە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «مەكتەپ بىلەن دېھقانلارنىڭ سىناق ئېتىزلىرىنى» ئورنىتىپ، «يېشىل كىنىشكا» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەمگەكنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلق ۋە ئەمگەك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىدىيەنى ھەقىقى شەكىللەندۈرسەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە