- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئوباما ئىسرائىلىيە ياشلىرىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.03.22 17:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 21-مارت ئېروسالىم خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئىسرائىلىيە ياش بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئوبامانىڭ نۇتۇق ئوبيېكتى-ئىسرائىلىيەدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى بولدى. ئوباما نۇتقىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى، لېكىن ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، ئىسرائىلىيە خەلقى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشى كېرەك، چۈنكى تىنچلىق-زۆرۈر ھەم ئادىل شۇنداقلا ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئوباما نۇتقىدا يەنە تىنچلىق-ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا ھاسىل قىلىنماستىن، بەلكى يەنە خەلق ئارىسىدىمۇ ئىشقا ئېشىشى كېرەك دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە