باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى خەنزۇشۇناس ۋە خەنزۇتىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى (1)

2013.03.25 16:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-مارت كەچتە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا رۇسىيەدىكى خەنزۇشۇناس ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا تورى ، موسكۋا ، 23-مارت تېلېگراممىسى : 23-مارت كەچتە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا رۇسىيەدىكى خەنزۇشۇناس، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پۇتىن رۇسىيەدىكى خەنزۇشۇناس ۋە خەنزۇتىلى ئۆگىنىۋاتقان ياشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، بۇ مېنىڭ ئويلىغىنىم بىلەن بىر يەردىن چىقتى، سىلەرنىڭ تەسىراتىڭلار ناھايىتى چوڭقۇركەن، جۇڭگوغا تولۇپ تاشقان ھېسسىياتتا، جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە تولۇق ئىشەنچتە ئىكەنسىلەر. بىز سىلەرنىڭ گۈزەل ئارزۇيىڭلارنى ۋە تونۇشۇڭلارنى چوقۇم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ـــ ئەلرايى قۇرۇلۇشى ۋە كەلگۈسى قۇرۇلۇشى. رۇسىيە دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن خەنزۇتىلىنى تەتقىق قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەنزۇتىلى سەۋىيەسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى بىرلىشىپ كەتكەن، جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ دوستلۇقىنى يېتىلدۇرۇش كېرەك. ياشلارغا قارشى تەرەپنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش، قارشى تەرەپنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارساق، كۆپ ئۇچراشساق تونۇشىمىز تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 2020-يىلغا بارغاندا ئىككى تەرەپنىڭ ئوقۇيدىغان خادىملار سانىنى 100 مىڭغا يەتكۈزۈشنى بېكىتتى. جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقى ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنى ياشلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە رۇسلار ئۇزاق تارىخقا، قەدىمىي مەدەنىيەت، پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئۇلۇغ مىللەتلەر. بۇ ئىككى ئۇلۇغ دۆلەت تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ دوست ئۆتۈشى، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست بولۇشى، مەڭگۈ دۈشمەن بولماسلىقى كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۇلۇغ گۈللەندۈرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسى رۇسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدىغان كۈرەش نىشانى بىلەن تولىمۇ ماسلاشقان. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە