- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى كىكۋېت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2013.03.25 16:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- مارت دارېسسالامدا تانزانىيە زۇڭتۇڭى كىكۋېت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - تانزانىيە ئەنئەنىۋى دوسلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتىرىشنى قارار قىلدى .
سۆھبەتتە ، زۇڭتۇڭ كىكۋېت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تانزانىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : رەئىس شى جىنپىڭ تانزانىيەنى ئافرىقا سەپىرىدىكى تۇنجى بېكىتى دەپ قارىدى ، بۇ تانزانىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئىپادىلىدى .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تانزانىيە جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، جۇڭگو - تانزانىيە دوسلۇقىغا رەئىس ماۋزېدۇڭ ، زۇڭلى جۇئېنلەي ۋەNyerere زۇڭتۇڭ قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئاساس سالغان . جۇڭگو - تانزانىيە ئىزچىل تۈردە بۇ دوستلۇقنى ساقلاپ كەلدى . جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - تانزانىيە دوستلۇقىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك تارىخىي بايلىقنى قەدىرلەپ ، تانزانىيە تەرەپ بىلەن بىللە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتىرىشنى خالايدۇ .
كىكۋېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تانزانىيە جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ ۋە ياردەم قىلىپ كەلگىنىگە رەھمەت ئېيتىدۇ . تانزانىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە داۋاملىق جۇڭگو تەرەپنى قوللايدۇ . تانزانىيە تەرەپنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن يېزا ئىگىلىك ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . تانزانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تانزانىيە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ .
سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ، پۇل -مۇئامىلە مەبلىغى ، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويدى.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە