باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇبېركۇليوز دۆلىتىمىزدىكى ئېنىقسىز قىزىش سەۋەبلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن

2013.03.25 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-مارت 18-قېتىملىق «دۇنيا تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى». يېقىندا بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزدىكى ئېنىقسىز قىزىش سەۋەبلىرىنىڭ 26 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، تۇبېركۇليوزنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئېنىقسىز قىزىش سەۋەبلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى 6 يىلدىن بۇيانقى 997 بىماردىكى ئېنىقسىز قىزىش سەۋەبى تۈزۈلۈشىنى ئانالىز قىلدى ھەمدە ئۇنى 1985-يىلىدىن بۇيانقى ئۈچ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتى. بۇ تەتقىقاتنى چەت ئەلدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئېنىقسىز قىزىش سەۋەبىنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى: يۇقۇملىنىش ئىزچىل ھالدا بېيجىڭ شېيخې دوختۇرخانىسى قوبۇل قىلغان بىمارلاردىكى قىزىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇبېركۇليوز كېسىلى ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە