باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 6- قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2013.03.25 10:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-مارت موسكۋادا جۇڭگو كومپارتىيەسى 6-مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن موسكۋادا جۇڭگو كومپارتىيەسى 6-مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، رۇسىيە فېدراتېىيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى گروتېس قاتناشتى، شى جىنپىڭ مۇراسىمدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن 85 يىل بۇرۇن جۇڭگو خەلقى ئازاب ئوقۇبەت تارتىۋاتقان، جۇڭگو ئىنقىلابى ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 140 نەچچە جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىلى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈچۈن رۇسىيە خەلقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي يىراق جايلاردىن موسكۋاغا كېلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 6- قۇرۇلتىيىنى ئاچقان ئىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 6- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى مۇساپىسىدىكى كونا خارابە، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ مۇھىم سىموۋىلى، بىزنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 6- قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنى قۇرۇشتىن مەقسىتىمىز تارىخنى ئېسىمىزدە تۇتۇش، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە