باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئاياقنىڭ پۇتقا ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى كىيىپ باققاندا بىلگىلى بولىدۇ

شى جىنپىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا مۇھىم سۆز قىلدى

2013.03.25 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-مارت موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان قارىشى، دىپلوماتىيە فاڭجېنى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى شەرھلىدى.

  شى جىن پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم رۇسىيەدىكى زىيارىتىم دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشىم، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى تۇنجى بېكىتىم. كونىلاردا يىلنىڭ بېشى باھاردىن دېگەن گەپ بار. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بۇ گۈزەل باش باھار پەسلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرسىلا، چوقۇم يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتالايدۇ.

  شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى دۇنيادا تىنچ تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش دەۋر ئېقىمى بولۇپ قالدى. بۇ ھەيۋەتلىك ئېقىمغا ماسلاشقانلا راۋاج تاپىدۇ، ئېقىمغا قارشى ئىش قىلغانلا ھالاك بولىدۇ. دەۋرنىڭ ئىلگىرلەش قەدىمىگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك، جىسمى 21-ئەسىرگە كىرسىمۇ ئەمما ئىدىيەسى بۇرۇنقى ھالەتتە قېلىشقا، مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىك قىلىش كونا دەۋرىدە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرى رامكىسى ئىچىدە قېلىشقا بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك ئوبيېكتىپ تەلەپ ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلبە قىلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئۇ جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىززەت ھۆرمەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

  دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەممىسىنىڭ باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارانىڭ ئادىللىقى ھەققانىيلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئاياقنىڭ پۇتقا ماس كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى كىيىپ باققاندا بىلگىلى بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى شۇ دۆلەت خەلقى بىلىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ھەر بىر دۆلەت ئۆز تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىللە تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دۇنيانىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىشى ھەرگىزمۇ بىر تۈركۈم دۆلەتلەر بارغانسېرى بېيىپ كېتىش، يەنە بىر تۈركۈم دۆلەتلەر ئۇزۇن مۇددەت نامراتلىق ئىچىدە قېلىش ئاساسىغا ئورنىتىلمايدۇ. پەقەت ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە تەرەققىي قىلغاندىلا، دۇنيا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ. قوشنىلارنى قاقشىتىش، كىرىزىسنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش بەدىلىگە ئۆزى پايدىغا ئېرىشىشتەك ھەرىكەتلەر ئەخلاقسىزلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يەرشارى خاراكتېرلىق خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى شۇنچە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بىرلىكتە بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، كىرسىزنى ھاياتلىق يولىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا بىخەتەرلىك تەھدىتى ئالدىدا، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىش، قۇرال كۈچىگە خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ كېتىش ئاقمايدۇ. بىخەتەرلىكنى ھەمكارلىشىپ، كوللېكتىپ ئاساسىدا، بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى توغرا تاللاش.

  شى جىنپىڭ يەنە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت بېيىپ قۇدرەت تاپىدىغان، مىللەتلەر روناق تاپىدىغان، خەلق بەختلىك ياشايدىغان «جۇڭگو ئارزۇسى»نى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىلچە تەۋرەنمەستىن تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات، ھەمكارلاشقان تەرەققىيات، ئورتاق يېڭىدىغان تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو ئىزچىل تۈردە مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئەسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلمىدى، ھېچقانداق دۆلەتكە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن تەھدىت سالمىدى. جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ زورايسا، دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەستىن بەلكى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگىمۇ بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنىڭ، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ بىرى. شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى:

  1) كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مۇناسىۋەتنى قىلچە ئېغىشماستىن تەرەققىي قىلدۇرۇش. بىز ئىككى دۆلەت مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى شېرىك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشىنى قەتئىي قوللىشىمىز كېرەك.2) ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلبە قىلىش مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن مەبلەغ سېلىش، ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى، يۇقىرى تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشتىن، بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش، بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

  3) ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىي قىلدۇرۇش. دۆلەتلەرنىڭ يېقىن بولۇشىدا خەلقلىرىنىڭ يېقىن بولۇشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلقنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مۇھەببىتى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كۈچ مەنبىيى.

  شى جىنپىڭ يەنە ئىككى دۆلەت ياشلىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئۇستازلار، ساۋاقداشلار، رۇسىيەدە: كېمە چوڭ بولسا، يېراققا سەپەر قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن تەمسىل بار. جۇڭگودا بولسا: دولقۇنلاپ تۇرسىمۇ بەزىدە دېڭىز، يەلكەن تارتىپ پەلەككە، تەڭ ئىلگىرىلەيمىز. دېگەن قەدىمىي شېئىر بار. بىز ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تەڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىڭ چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە