باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-رۇسىيە رەھبەرلىرى بىرلەشمە باياناتقا بىرلىكتە ئىمزا قويدى

2013.03.25 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 22-مارت موسكۋادا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش، ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى بىرلىكتە ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى ۋە زور خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى جاكارلىدى.

بىرىنچى، ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيىگە بېرىپ يېتىپ،چوڭ دۆلەتلەر ئارا ئىناق بىرگە ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بېرىپ، رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ۋە مۇقىم رول ئوينىدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ پرىنسىپى ۋە روھىغا ئەمەل قىلىپ، باراۋەرلىكتە ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللىشىپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، بۇنى ئۆز دۆلەت دىپلوماتىيىسىنىڭ ئالدىن يۆنىلىشى قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈلمە ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا بىر بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ.

ئىككى تەرەپ يېقىن ئالاقىلىشىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى تارىخى تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيىتى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تارىخى مەسئۇلىيىتى ئاساسىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكتە ئۆزئارا ئىشىنىش، كەڭ قورساق بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق روناق تېپىش پرىنسىپى ئاستىدا، قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، ئادىل، دېموكراتىك، ئىناق دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرىدۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە دۆلەتلەر تەرەققىيات يولىنىڭ كۆپ خىللىقىغا، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك.

ئۆزئارا ئىشەنگەن، بىر بىرىگە پايدا يەتكۈزگەن، باراۋەر، ماسلىشىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك باراۋەر ئۆتۈش، ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان يېڭى بىخەتەرلىك نۇقتىئىنەزىرى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارالىق ماجىرالار ۋە توقۇنۇشلارنى ئۇرۇش قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك.
باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى مەسىلىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر دۆلەت ياكى دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى چەكسىز كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيىلىك مۇقىملىق ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش كېرەك.

ئىجابىي پوزىتسىيە ۋە كوللېكتىپ شەكلى ئارقىلىق ئىقتىسادى سىياسەتنى ماكرولۇق تەڭشەپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كېرەك.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ چوڭ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

خەلقئارا قانۇن مىزانلارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا ، باراۋەر، كەڭ قورساق بولغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ زور دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەسىلىدە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش مېخانىزمغا ئايلىنىشىنى قوللاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

21-ئەسىر دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەرلىكتە ئىناق ئۆتىدىغان، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىقتا ئورتاقلىشىدىغان، بىخەتەرلىكتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، كەڭ قورساق بولغان، مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان، مەدەنىيەت ئالاقىسىدا بىر بىرىنى ئۆرنەك قىلىدىغان، ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان، ئىدىلوگىيەدە ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، ئىناق بىرگە ئۆتىدىغان، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان، ساغلام تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە