باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2013.03.25 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 2013-يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۈرچە رادىيو تورى 24-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 2013-يىللىق يىغىنى 24-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ــ جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچلۇق نىشان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ئۇنىڭدا ئۇزۇندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى ئەكس ئەتكەن، جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ــ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىشىك ئېچىۋېتىلمىسە جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايدۇ.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو 30 نەچچە يىلدىن بۇيان توپلىغان بىر مۇھىم تەجرىبە شۇكى ئىسلاھات روھى ئارقىلىق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش. جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقان، ئۆزئارا تەسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك چىڭ تۇرۇشقا، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، بىز تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ پائال تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىمپورت ۋە ئېكسپورتقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق غەلبە قىلىش، كۆپ مەنبەلىك تەڭپۇڭ بولۇش، بىخەتەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتەك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي سىستېمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تىزگىنلەشكە پائال قاتنىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز، جۇڭگو ئاۋۋالقىدەكلا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قارشى ئالىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئادىل رىقابەت قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە