باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت يىلى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2013.03.25 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: رۇسىيەدىكى جۇڭگو ساياھەت يىلى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن كەچتە موسكۋادىكى كېرمىل سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىرلىكتە قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ «دۆلەت يىلى»، «تىل يىلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى، ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىكى رۇسىيە ساياھەت يىلى پائالىيىتى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ پائالىيەتلەر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى چىڭىتتى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ساياھەت دۆلىتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ھەمكارلىق كۈچى غايەت زور. ئىشىنىمەنكى ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت يىلى پائالىيىتى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساياھەت مەدەنىيەت تارقىتىدۇ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى جۇڭگو ساياھەت يىلى پائالىيىتىنىڭ بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان باھاردەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە قىزغىن، مېھماندوست جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن رۇسىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگودا ساياھەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئېچىلىش مۇراسىمدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى 5000دىن ئارتۇق كىشى بىلەن بىرگە جۇڭگولۇق سەنئەتكارلار ئورۇنلىغان «گۈزەل جۇڭگو» باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.

  2010-يىلى سېنتەبىردە، ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئۆزئارا ساياھەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى جاكارلىدى، بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزئارا «دۆلەت يىلى» ۋە «تىل يىلى» پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىنكى يەنە بىر باش تېمىلىق زور پائالىيەت بولۇپ قالدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، پۇتىن شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى. پۇتىننىڭ رەپىقىسى پۇ جىننا پېڭ لىيۈەنگە ھەمراھ بولۇپ كېرمىل سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە