باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013–يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پائالىيىتى باشلاندى

شىنجاڭ ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكى ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى

2013.03.25 15:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسكىشەھىر، 24 – مارت تېلېگراممىسى. شۇ يەر ۋاقتى 23 – مارت كەچتە، جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى داڭلىق شەھەر ئەسكىشەھىر ئاتاتۈرك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى ‹‹دولان مەشرىپى››نى ئورۇنلاپ، 2013 – يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، ئېسىل نومۇرلار كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول مەدەنىيەت سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

  ئەسكىشەھىر شەھىرى بۇ يىل بىر يۈرۈش ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى ۋە ئىلىم – پەن ئالاقە پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. 2013 – يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى مەقسەت تۈرك تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئاپپاراتى(TRT)AVAZ قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى ئادنان: جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ نومۇرلىرى قالتىس ئىكەن، نومۇرلار كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ نومۇرىنى بۇ قېتىم باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان سەنئەت ئۆمەكلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى نومۇر دېيىشكە بولىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇغاننىڭ جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكىلەرگە يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى.

  شۇ كۈنى كەچتە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇغاندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى، ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە ھەرساھەدىكى زاتلاردىن 15مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئويۇننى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر