باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ سەپىرىدە ئىسرائىلىيە قانائەت تاپتى، پەلەستىن ئۈمىدسىزلەندى(2)

2013.03.25 17:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما 21-مارت تىك ئۇچاردا رامۇئاللاھقا يېتىپ بېرىپ، پەلەستىن رەھبىرى ئابباس بىلەن 90 مىنۇتچە سۆھبەت ئېلىپ باردى، ئوباما: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقى ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە دېدى ، ئۇ پەلەستىننىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت قۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى، يەھۇدىيلار تۇرالغۇسىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئەگەر بارلىق مەسىلىلەر ھەل بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان ئىش بولسا، سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ دېدى، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبىتىنى شەرتسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەيدانىغا ئۇيغۇن كەلدى، ئابباس: يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توختاتقاندىلا ئاندىن بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى. تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: پەلەستىن ئەسلى ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىپ، يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، ئەمما ئوباما بۇنداق قىلمىدى، بۇ پەلەستىننى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

  ئوباما رامۇئاللاھقا يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى غەززادىكى خاماس 4 راكىتا مىيوت قويۇپ بەردى، بۇنىڭ ئىككىسى غەززاغا، ئىككىسى ئىسرائىلىيەگە چۈشتى، ئەمما ئۆلۈم يېتىم بولمىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ قايتۇرما ھۇجۇم قىلمىدى، ئوباما بىلەن ئابباس خاماسنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ، خاماس ئوبامانى ئىسرائىلىيەگە يان باستى دەپ ئەيىبلىدى ، رامۇئاللاھتىكى نەچچە يۈز كىشىمۇ ئوباماغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى، پەلەستىندىكى كۆپ قىسىم تاراتقۇلار ئوبامانىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ ئەمما بەزى تاراتقۇلار: ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىر مەيدان ئويۇن، چۈنكى ئوباما ھېچقانداق كونكرېت لايىھە ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويمىدى، ئۇ ساياھەت قىلغىلى كەلگەندەك قىلىدۇ دېدى.

  ئوباما ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى: بۇ قېتىمقى سەپىرىم ئاساسلىقى ھال ئەھۋال ئىگەللەشنى مەقسەت قىلىدۇ،ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مالىمانچىلىقى، ئىران، سۇرىيە قاتارلىق مەسىلىلەردىكى كۆزقارىشىنىڭ ماڭا ياردىمى بار. ھال ئەھۋال ئىگەللەشنىڭ ھېچقانداق ماھىيەتلىك نەتىجىسى بولمىغىنى بىلەن ئەھۋال ئىگەللەشنىڭ مەقسىتى تەدبىر بەلگىلەش ۋە ھەرىكەتكە ئاساس تېپىش، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇرەككەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارلىشىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە