3-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورۇنتودىكى پىرسۇن خەلقئارا ئايرۇدورومىدا، كانادا زۇڭلىسى خاپو (سولدىن 5-كىشى) ۋە رەپىقىسى لاۋلىن (سولدىن 3-كىشى)، جۇڭگونىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈنسەي (سولدىن 2-كىشى) قاتارلىقلار مۈشۈكئېيىقنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلدى.شۇ كۈنى، جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن ئىككى مۈشۈكئېيىق «داماۋ» بىلەن «ئېرشۈن» مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تورۇنتوغا يىتىپ كەلدى. جۇڭگو-كانادا ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇ ئىككى مۇشۈكئېيىق ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تورۇنتو ھايۋاناتلار باغچىسى ۋە كارجالى ھايۋاناتلار باغچىسىدا بەش يىلدىن تۇرغۇزۇلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (مۇخبىر زوۋ جېڭ)