مەملىكەت بويىچە سىملىق تېلېۋىزىيە تورىغا تورغا چىقىش ئىقتىدارى سەپلىنىدۇ
2013.03.26 16:43 مەنبە: خەلق تورى
25-مارت «ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ نۇپۇزلۇق زاتلاردىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى نۆۋەتتە 2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە ئۈچ تورنى يۇغۇرۇش يىرىك پىلانى (تۆۋەندە «ئۈچ يىللىق پىلان» دەپ قسىقارتىلىدۇ)نى تۈزۈۋېتىپتۇ، پىلاننىڭ يادرولۇق نىشانى مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن: پىلان بويىچە 2015-يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردە سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنى پۈتۈنلەي رەقەملەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاقە تورىغا ئۇلىنىش ئىقتىدارى ۋە باشقا تۈرلۈك تور مۇلازىمىتى ئىقتىدارلىرى سەپلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە