- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گۇاڭدۇڭ «گوۋۇيۈەننىڭ بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى ئالدى بىلەن ئېلان قىلدى
2013.03.26 16:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت گۇاڭجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بۈگۈن گوۋۇيۈەن يېقىندا ئېلان قىلغان ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشكە دائىر بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىگە قارىتا يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قولىدىكى تۇرالغۇسىنى ساتقانلاردىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىشقا دائىر بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك «يەر باھاسىغا چەك قويۇش، ئۆي باھاسىنى رىقابەتلەشتۈرۈش»كە ئوخشاش يەر سېتىش شەكىللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلكە بولۇپ قالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە