باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلدى

2013.03.26 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى 25- مارت بىرلەشمە ئاخباراتى ئېلان قىلدى. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سەمىمىي دوستانە كەيپىياتتا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئوتتۇرا ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بولىدىغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن تانزانىيەنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان كۆپ تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى.

  ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى دوستلۇق ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول مۇۋەپپەقىيەتلەردىن مەمنۇن بولدى. ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقى،تەرەققىياتى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدە ئۆز ئارا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو تانزانىيەنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. تانزانىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.جۇڭگو تانزانىيەنىڭ بۇ خىل پرىنسىپال مەيدانىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى.

  ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىجابىي باھا بەردى. سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، خەۋەرلىشىش، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تانزانىيەگە كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم بېرىدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تانزانىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.جۇڭگودىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تانزانىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن تېخنىكا، سەھىيە، ساياھەت، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئاياللار، ئەل ئارىسى تەشكىلاتلىرى، ئىلمىي ئاپپاراتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى. زىچ ھەمكارلىشىپ جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}