باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا باغرامى تۈرمىسىنى ئافغانسىتانغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى

2013.03.26 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى 25 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ئافغانىستانغا باغرامى تۈرمىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى 25 – مارت باغرامى تۈرمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە: ئامېرىكا بىلەن ئافغانسىتان باغرامى تۈرمىسىگە قامالغان بەزى ‹‹خەتەرلىك ئۇنسۇر››لارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، دېيىلگەنىدى.

  باغرامى تۈرمىسى كابۇلنىڭ شىمالىغا، ئامېرىكا ئارمىيەسى باغرامى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان. ئافغانسىتان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ تۈرمە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، نۇرغۇن قوراللىق تالىبانلار ۋە ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ گۇماندارلىرى قامالغان. باغرامى تۈرمىسى 2012 – يىلى 2 – ئايدا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››نى كۆيدۈرۈش سەتچىلىكى يۈز بەرگەندىن كېيىن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئافغانىستان جامائەتچىلىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈرمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش – بولالماسلىقىنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانسىتاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش – قىلماسلىقىنىڭ بەلگىسى، دەپ قارىغان. بىراق باغرامى تۈرمىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى ھازىرغىچە كېچىكتۈرۈلگەن. ئامېرىكا ئارمىيەسى تۈرمىدىكى بەزى نۇقتىلىق مەھبۇسلارنى داۋاملىق قاماشتا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزائى مەملىكەت ئىچىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، بەزى بىگۇناھ دەپ بېكىتىلگەن مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرگەن.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 23 – مارت: ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان باغرامى تۈرمىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، 25 – مارت رەسىمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، دەپ جاكارلىغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە