- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ تانزانىيەنىڭ نېيرېر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىدى
جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مەڭگۈ ئىشەنچلىك دوست ۋە سەمىمىي ھەمراھلاردىن بولىدۇ
2013.03.26 16:01 مەنبە: خەلق تورى
 |
تانزانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-مارت دارېسسالامدىكى نېيرېر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە سۆز قىلدى.
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت دارېسسالامدىن بەرگەن خەۋىرى، نۆۋەتتە تانزانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-مارت دارېسسالامدىكى نېيرېر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە «مەڭگۈلۈك ئىشەنچلىك دوست، سەمىمىي ھەمراھلاردىن بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتۇقىدا جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئورتاق تىنچلىقنى كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتەك سىياسەت-تەشەببۇسلىرىنى ئەتراپلىق شەرھىلىدى. (مۇخبىر دۇ شاڭزې، نى تاۋ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە