- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا 16 مىليارد 876 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ
2013.03.27 08:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
2013-يىلى ، شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا 16 مىليارد 876 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، 2011-يىلىدىكى 11 مىليارد 600 مىليون يۈەن ۋە 2012-يىلدىكى 12 مىليارد 940 مىليون يۈەندىن خېلى كۆپ .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ، ئىسلاھات كومىتېتى تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا ، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ، دۆلەت ئالدىن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تۈزۈپ ، شىنجاڭنىڭ تاشيول ۋە تۆمۈريول ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللايدىكەن .
دۆلەتنىڭ پىلانى بويىچە ، شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق تۆمۈريول ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 16 مىليارد 876 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە ، مەركەز خامچوت مەبلىغى 1 مىليارد يۈەن ، تۆمۈريول مەخسۇس تۈر مەبلىغى 707 مىليون يۈەن ، تۆمۈريول قەرزى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ ، يەرلىك ۋە كارخانىلار سالغان مەبلەغ 291 مىليون يۈەن ، بانكا قەرزى 8 مىليارد 378 مىليون يۈەن بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە