باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى 50 نەچچە جۇڭگولۇق كامېرونغا بىخەتەر كېلىۋالدى

2013.03.26 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ كامېروننىڭ دۇئالادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى شياۋ مىڭنىڭ 25 – مارت دەلىللىشىچە، 24 – مارت كەچكىچە 50 نەچچە جۇڭگولۇق ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بانگىدىن دۇئالاغا كەلگەن.

  شياۋ مىڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى جۇڭگولۇق قېرىنداشلىرىمىز باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بانگىدا توك بىلەن تەمىنلەش 23 – مارت چۈشتە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلمىدى، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ يان تېلېفونى ئىزچىل ئۇلانمىغاچقا، شۇ جايدىكى ئەلچىخانىمىزنىڭ مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالنى دەلىللەشكە ۋاقتىنچە ئامالسىز قالدۇق.

  ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن خەيچاۋ شۇكۈنى مۇخبىرىمىزغا: ‹‹سېلېكا›› 21 – مارت قايتىدىن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن كېيىن، ئەلچىخانىمىز بۇ دۆلەتتىكى 60 نەچچە جۇڭگولۇقنىڭ ھەممىسىنى ئەلچىخانىغا يىغدى ھەم ئۇلارنى 23 – مارت نەچچە تۈركۈمگە ئايرىپ قايتۇردى، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئوندەك جۇڭگو مۇھاجىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قالدى، ئەلچىخانىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە بارلىق كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە