چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى زادو ناھىيەسىدە 4.3 بال يەر تەۋرىدى
2013.03.26 16:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 20دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ زادو ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 33.3 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 95.3 گىرادۇس) 4.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىرغا يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە