باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا ئافرىقا زۇڭتۇڭى كامېرونغا كېلىۋالدى

2013.03.26 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كامېرون دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مېيبېنىڭ 24 – مارت دەلىللىشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار شۇ كۈنى ھاكىمىيەتنى قانۇنسىز تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئافرىقا زۇڭتۇڭى بوزىزې كەچتە پايتەخت بانگىدىن قوشنا دۆلەت كامېرونغا كەلگەن.

  مېيبې مۇخبىرىمىزغا تېلېفوندا مۇنداق دېدى: بوزىزې ئىككى ئوغلى ۋە بىر كونۋويى بىلەن شۇ جاي ۋاقتى 24 – مارت سائەت 18 دە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قوشنىسى كامېروننىڭ شەرقىي ئۆلكىسىگە كەلگەن. ئىگىلىشىمىزچە، بوزىزې شۇ كۈنى كەچتە شەرقىي ئۆلكىنىڭ مەركىزى بېرتۇئا شەھىرىگە كەلگەن.

  ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئىتتىپاق ‹‹سېلېكا›› شۇ كۈنى كەچتە پايتەخت بانگىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان. ‹‹سېلېكا››نىڭ رەھبىرى دوتوگو شۇ كۈنى كەچتە ئۆزىنى زۇڭتۇڭ، دەپ ئاتىغان ھەم ئۈچ يىلغىچە سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، دوتوگو ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان دىئاڭگاييىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدە داۋاملىق زۇڭلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ كۈنى كەچتە بانگى شەھىرىدە توك بىلەن تەمىنلەش يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن، يان تېلېفون ئالاقىسى ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالغان.

  ئوتتۇرا قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، چاد زۇڭتۇڭى دېبي 24 – مارت بايانات ئېلان قىلىپ: ئەركىن، ئاشكارا سايلام ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا ئافرىقا توقۇنۇشىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ يىل 1 – ئايدا گابون پايتەختى لىبرېۋىلدا ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمى ئوتتۇرا ئافرىقا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ، ئوتتۇرا قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ، دېدى ھەم ئوتتۇرا قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا پايتەختى بانگىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ‹‹سېلېكا›› بۇيىل 11 – يانۋار لىبرېۋىلدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلەشمە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە قوشۇلغانىدى. ‹‹سېلېكا›› 21 – مارت ھۆكۈمەت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، قايتىدىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، نۇرغۇن شەھەرنى تېزلا ئىشغال قىلىۋالدى ھەم ئوتتۇرا قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بانگىنىڭ 70 كىلومېتىرچە شىمالىدا تەسىس قىلغان دامارا مۇداپىئە سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 23 – مارت كەچتە بانگىغا شىمال ۋە غەرب تەرەپتىن قىستاپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە