باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ‹‹زۇڭلىسى›› نىڭ ئىستىقبالىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ

2013.03.26 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر – ‹‹سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى››(مەملىكەتلىك ئىتتىپاق) 19 – مارت سەھەردە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى سودىگەر ھەسەن ھىتتونىنىڭ ‹‹زۇڭلى››لىققا سايلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت›› تەشكىللەپ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى كونترولۇقىدىكى رايونلارنى باشقۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى سودىگەر سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى باشقۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنى مۆلچەرلىمەك قىيىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن ئۆكتىچىلەر تەشكىللىگەن ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت››نىڭ سۈرىيەدىكى تەسىر كۈچى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆكتىچىلەر كونتروللۇقىدىكى رايوننى ئىدارە قىلالىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.

  زۇڭلىلىققا كۆرسىتىلگەن چەت ئەللىك سودىگەر

  ھەسەن ھىتتو 1953 – يىلى دەمەشىقتە تۇغۇلغان، 17 يېشىدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن، 2011 – يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قوشۇلغىچە ئالاقە تېخنىكىسى شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن. مەملىكەتلىك ئىتتىپاققا قاتناشقاندىن كېيىن، ياردەم ئەشيالىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ھەسەن ھىتتو ئامېرىكىدا 20 نەچچە يىل تۇرغان، شۇڭا ئۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ياردىمى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشى سەۋەبىدىن مەملىكەتلىك ئىتتىپاقتىكى دىنىي مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ كۇردلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئۇنىڭ زۇڭلىلىققا سايلانغانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇردلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق.

  نامزاتلىققا كۆرسىتىش تەنقىدكە ئۇچرىدى

  دەمەشىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇللا مۇنداق قارىدى: سۈرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت›› تەشكىللىمەكچى بولغانلىقىدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرىنچى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، بەزى ئەزا دۆلەتلەر ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت››نىڭ يىغىنغا سۈرىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىشنى، مۇشۇ يىغىن ئارقىلىق ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت››نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

  ئىككىنچى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئىشەنچلىك تەشكىلاتنىڭ ياردەم ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بېرىشكە مەسئۇل بولۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. سۈرىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ، تېررورلۇق تۈسىگە ئىگە بەزى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتكەچكە، غەرب ئەللىرى ياردەم ئەشيالىرىنىڭ مۇشۇنداق تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.

  مەملىكەتلىك ئىتتىپاق ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت›› سايلىمى ئۆتكۈزىمىز، دەپ كەلگەن بولسىمۇ، سايلام ۋاقتى قايتا – قايتا كېچىكتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ‹‹زۇڭلى›› نامزاتى توغرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكى نامايان بولدى. قەبىلە رەھبەرلىرى ۋە سالاھىيەتلىك ئۆكتىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى ئاخىرقى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىدى. ئۇلار: ھەسەن ھىتتونىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىدە ھەم زۇڭلىلىققا سايلىنىشىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئويۇنى بار، دەپ قارىدى.

  مۇشۇ ۋاقىتتا ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت›› تەشكىللەش باشقا ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچىلەر تەشكىلاتى – سۈرىيە مەملىكەتلىك ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى 18 – مارت دەمەشىقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹سەرگەردان ھۆكۈمەت›› سايلاش ھەرىكىتى ‹‹خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى››، ھەرقانداق شەكىلدىكى ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت››كە بويسۇنمايمىز، ئۆكتىچىلەر بىلەن ھازىرقى ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكىلا بويسۇنىمىز.

  ھەسەن ھىتتو قوللاشقا ئېرىشەلەمدۇ؟

  مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ سۈرىيەدىكى تەسىر كۈچى ئاجىزراق، قوراللىق كۈچىمۇ يوق. سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان قوراللىق تەشكىلاتلاردىن ئاساسلىقى ‹‹سۈرىيە پىدائىيلار قوشۇنى›› ۋە ئامېرىكا تېررورچى تەشكىلات، دەپ قارىغان ‹‹فىرونتنى قوغداش ئىتتىپاقى›› بار. ۋەھالەنكى، بۇ ئىككى تەشكىلات ئاساسەن مۇستەقىل ھالەتتە بولۇپ، مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس.

  ئابدۇللا مۇنداق قارىدى: ‹‹ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت›› تەشكىللەشنى جاكارلاش ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا تېخىمۇ چوڭ ئىختىلاپ پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ھەرقايسى تەشكىلاتلار بۇ سىياسىي دەسمايىگە ئېرىشىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ.

  ‹‹ۋاقتىلىق ھۆكۈمەت›› دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر زور خىرىس شۇكى، سۈرىيەدىكى بەزى ئۆكتىچىلەر ‹‹چەت ئەلدىن كەلگەن زۇڭلى››غا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. نامەلۇم ئۆكتىچى: ‹‹چەت ئەلدە تەشكىللەنگەن، چەت ئەللىك رەھبەرلىك قىلىدىغان ھۆكۈمەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەمەس، بەلكى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەندەك قىلىدۇ››، دېدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە