- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا يېڭىدىن ئالتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلىدۇ ئايروپىلان باھاسىدا كۆپلەپ ئېتىبار بېرىلىدۇ
2013.03.26 09:40 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
31-مارت، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ياز ۋە كۈز پەسىللىك يېڭى ئاۋىياتسىيە پىلانىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان بولۇپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا يېڭىدىن ئالتە لىنىيەنى كۆپەيتىدىكەن.
يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئالتە لىنىيە، ئۈرۈمچىدىن تەيبېي، ۋۇخەن، شيامېن، شىنجېن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان لىنىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 4-ئاي ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ سۇس مەزگىلى بولغاچقا، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، سەنيا قاتارلىق 20 شەھەرگە بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ باھاسى ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە