باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013–يىللىق نورۇزلۇق مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

2013.03.26 13:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21 – مارت، 2013 – يىللىق نورۇزلۇق مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇزىكا كېچىلىكىدە ئورۇندالغان نومۇرلار سەرخىل بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىر ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار كۆپچىلىككە ناخشا، خور، مۇزىكا، ئىتوت ئورۇنلاپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى، كېچىلىك بىر سائەت 40 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بەختىيار ۋايىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى نورۇزلۇق مۇزىكا كېچىلىكىدە ‹‹نورۇز سىمفونىيەسى››، ‹‹نورۇز گۈلى›› قاتارلىق يېڭى نومۇرلار ئورۇندالغاندىن سىرت، ‹‹گۈل نېمىشقا بۇنداق قىزىل››، ‹‹مودەنخان›› قاتارلىق سەرخىل نومۇرلارمۇ ئورۇندىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  بەختىيار ۋايىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى نورۇزلۇق مۇزىكا كېچىلىكى ئاپتونوم رايون ئۇيۇشتۇرغان بايرامدا مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە