باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇ رېنباۋ ئالەمدىن ئۆتتى

2013.03.19 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ ئاغرىپ قالغاندا مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن.سۈرەتتە: 2009-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋۇ رېنباۋ خۇاشى كەنتى بەخت مەھەللىسىدە كەنتلىكلەر بىلەن پاراڭلاشماقتا. ئۇنىڭ كەينى تەرەپتىكىسى ئەينى ۋاقىتتا سېلىنىۋاتقان «خۇاشى كەنتى يېڭى يېزا بىناسى». (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇن شېن فوتوسى)

  تۈنۈگۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇاشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ۋۇ رېنباۋ ئۆپكە راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، خۇاشى كەنتىدىكى ئۆيىدە 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ۋۇ رېنباۋ 1961-يىلى خۇاشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيانقى بۇ يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ، نامرات، قالاق بىر كەنتنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا «جۇڭگودىكى بىرىنچى كەنت» دەپ نام قازانغان كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى شاڭخەيدە، ۋۇ رېنباۋنىڭ ئۆپكە راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان. تۈنۈگۈن، خۇاشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ جىڭفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ۋۇ رېنباۋنىڭ ئۆپكە راكى كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئوپىراتسىيە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىپ داۋالىتىشنى قارار قىلغان، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلاپ، يەنە شاڭخەيگە كېلىپ بىر ھەپتە داۋالانغان. شاڭخەيدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ گەپ قىلالماس بولۇپ قالغان، تۈنۈگۈن سائەت 6دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە ئالەمدىن ئۆتكەن. ۋۇ جىڭفۇ مۇنداق دېدى، ۋۇ رېنباۋ ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن مەركەز رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا غەمخۇرلۇق قىلدى ۋە مۇتەخەسسىس ئەۋەتتى. تۈنۈگۈن كەچتە، خۇاشى كەنتلىك پارتىيە ياچىيكىسى ۋە كەنت كومىتېتى دەپنە كومىتېتى تەشكىللەپ، تەزىيە ئىشلىرىنى مەسلىھەتلەشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە