باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا پارلامىنتىدا يەنە مۇشتلىشىش يۈز بەردى

ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قول سالدى

2013.03.20 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 19-مارت، ئۇكرائىنا كىيېۋدىكى پارلامېنتتا، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېت ئەزالىرى بىلەن زۇڭتۇڭنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ئۆكتىچىلەر پارتىيەسنىڭ پارلامېت ئەزالىرى رۇس تىلىنى ئەمەس بەلكى ئۇكرائىنا تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى.

  ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت تىل ـ يېزىقى ئۇكرائىنا تىلى. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، رۇس تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان ، بولۇپمۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىدا تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلغان. 2011-يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، %67.5 نوپوسنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئۇكرائىنا تىلى ئىكەنلىكىنى، %29.6 نوپۇسنىڭ ئانا تىلى روس تىلى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، كۆپ قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچى ئۇكرائىنادا چوڭ بولغان بولۇپ، رۇس تىلى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلى ئىكەن. ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا ئاساسەن ئۇكرائىنا تىلى قوللىنىلىدىكەن، ئۇكرائىنانىڭ غەربىي قىسىمىدا، ئۇكرائىنا تىلى شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئاساسلىق تىل ئىكەن. ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى رۇس تىلى بىلەن ئۇكرائىنا تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدىكەن، يېزا رايونلىرىدا ئۇكرائىنا تىلى ئاساس قىلىنىدىكەن. شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئۇكرائىنا رايونىدا ، رۇس تىلى ئاساسلىق شەھەرلەردە، يېزا رايونلىرىدا ئاساسلىقى ئۇكرائىنا تىلى ئىشلىتىلىدىكەن.

  قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە، ئۇكرائىنا تىلى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى ئىكەن. قىرىمدىكى تاتار تىلى دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان تىل ئىكەن. بارلىق ئاھالىلەر ئىچىدە، روس تىلىنى سۆزلەيدىغانلار قىرىمدىكى كىشىلەر نوپوسىنىڭ %77نى ئىگىلەيدىكەن، ئۇكرائىنا تىلىنى قوللىنىدىغانلار %11نى، قىرىم تاتار تىلىنى سۆزلەيدىغانلار %11.4نى ئىگىلەيدىكەن. بىراق كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىرىملىق تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس تىلىنى ئىشلىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە