باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى تۇنجى قېتىم 70 مىڭدىن ئاشىدۇ

2013-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.03.18 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-مارت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدا 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوش تاللاش خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى ھەمدە ئۇچۇر تارقتىىش يىغىنى چاقىردى. بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۆلچەرلىنىشىچە 76 مىڭ 966 نەپەر بولۇپ، تۇنجى قېتىم 70 مىڭدىن ئاشتى. 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوش تاللاش يىغىنىغا شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى قاتناشتى، 272 خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن 8978 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، 12 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى تاپشۇردى، 700دىن ئارتۇق ئادەم خادىم قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  شىنجاڭدا بۇ يىل 76 مىڭ 966 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 302 نەپەر دوكتور، 4959 نەپەر ماگىستېر، 32 مىڭ 799 نەپەر تولۇق كورس ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن.ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر 68مىڭ 355 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە 633 مەيدان ھەرخىل خادىملارنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن، 4052 خادىم قوبۇل قىلىش ئورنى يىغىنغا قاتنىشىپ 98 مىڭ 331 ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەن، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.5كە يېتىپ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە