باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن نىگېرىيەگە باردى

2013.03.20 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن ھەپتە چەت ئەللىك يەتتە ئىشچى نىگېرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدا ئېتىپ تاشلاندى، نۆۋەتتە يەنىلا بۇ دۆلەتتە قاماق ئىچىدە تۇرغان فرانسىيەنىڭ سەككىز تۇتقۇننىڭ بىخەتەرلىكى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 16-مارت، فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيوس نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابىجانغا يېتىپ بېرىپ، تۇتقۇنلارنى بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن، نىگېرىيە پىرېزىدېنتى جوناسىن بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا يېپىق يىغىن ئۆتكۈزگەن.

  سۆھبەتتىن كىيىن، فابىيوس مۇنداق دېدى: فىرانسىيە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نىگېرىيەدىكى تۇتقۇن قىلىنغان بۇ سەككىز كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىماقتا. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە يەنە بەش ياشقىمۇ كىرمىگەن بالا بار، بىز، تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، بىگۇناھ بۇ كىشىلەرنى تېزدىن قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە