باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل رەھبەرلىرى ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنى تەبرىكلىدى

2013.03.20 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر قىسىم چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە چەتئەل پارتىيىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تەبرىك تېلېگراممىسى ياكى تەبرىك خېتى يوللاپ جۇڭگونىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنى تەبرىكلىدى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلەر: ھىندىستان پىرېزىدېنتى مۇكھېرجى؛ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى؛ ئېفىئوپىيە پىرېزىدېنتى گىرما؛ ئەرەب بىرلەشمىسى خەلىپىلىكى پىرېزىدېنتى خالىفە؛ ئاممان سۇلتانى كابۇس؛ سۇرىيە پىرېزىدېنتى باشار؛ گوللاندىيەنىڭ ئايال پادىشاھى بېئاتىرىش؛ ليۇكسېمبۇرگ كىنەزى ھېنرى؛ يېڭى زېللاندىيە ۋالىيسى ماتپالى؛ يېڭى زېللاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى جون كى؛ بۇتان باش ۋەزىرى تىنلېي؛ ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ۋانخايكوتېن؛ ياپونىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسىنىڭ باشلىقى شىكازو قاتارلىقلار.

  مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلەر: ئېفىئوپىيە پىرېزىدېنتى گىرما.

  گوۋۇيۈەننىڭ باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنى تەبرىكلىگەنلەر: ئانگولا پىرېزىدېنتى دوسسانتوس؛ يېشىل تۇمشۇقنىڭ باش مىنىستىرى نېۋېس؛ ئۇگاندانىڭ باش مىنىستىرى مبابازى؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى قوشۇمچە باش مىنىستىرى، دۈبەي خەلىپىسى مۇھەممەد؛ ئالبانىيەنىڭ باش مىنىستىرى بېرىشا؛ شۋېتسىيەنىڭ باش ۋەزىرى رېئىنفېلىد؛ پولشانىڭ باش مىنىستىرى تۇسىك؛ يېڭى زېللاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى جون كى قاتارلىقلار.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جياڭ دېجياڭنى تەبرىكلىگەنلەر: ليۇكسېمبۇرگ مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇسا؛ سېربىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ستېفانوۋىچ؛ ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ۋانخايكوتېن قاتارلىقلار.

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭنى تەبرىكلىگەنلەر: بۇرۇندى كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئېندىسېزې رانا؛ بېلورۇسىيە مىللىي كېڭىشى ۋەكىللەر پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئاندرې سېنچىنكو؛ سېربىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ستېفانوۋىچ قاتارلىقلار.

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋنى تەبرىكلىگەنلەر: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پىرېزىدېنتى قوشۇمچە باش مىنىستىرى، دۈبەي خەلىپىسى مۇھەممەد؛ يېڭى زېللاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى جون كى؛ ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى راھىمى قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە