باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەلگىلىمىگە خىلاپ 6 تىپىك مەسىلىنى ئۇقتۇردى

2013.03.20 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 6 تىپىك مەسىلىنى ئۇقتۇرۇپ، ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  بۇ ئالتە تىپىك مەسىلە: چيوڭجۇڭ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى باشلىقى ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئاغىنە بۇرادەرلىرىنى مېھمان قىلغانلىقى سەۋەبلىك پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، يوقارقى كۈتۈۋېلىش پۇللىرىنى ئۆزى تۆلەشكە بۇيرۇلدى، جۇخەي پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش، پاي كونترول قىلىش چەكلىك شىركىتى بانكا ۋە كارخانىلار ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ ئىچكەنلىكتىن باش دىرېكتورغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، قاتناشقۇچىلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھەقنى تۆلەشكە بۇيرۇلدى، بەيخې ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بەلگىلىمىگە خىلاپ دالا ماشىنىسىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەنلىكتىن ، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. ۋۇشى شەھىرى ۋۇشى يېڭى رايونى خوڭشەن مەھەللىسى 80 نەچچە كادىرنى شيامىنغا يىغىنغا قاتنىشىش باھانىسىدە مەنزىرىلىك رايونلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىگەنلىكتىن مەھەللە پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى سېكرېتارىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى شۇنداقلا ساياھەتكە قاتناشقۇچىلار بارلىق ھەقنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلدى، چىبى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى ئىككى بايرام مەزگىلىدە قالايمىقان ماددىي ئەشيا ۋە تولۇقلىما تارقاتقانلىقدىن ئىدارە باشلىقىغا پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلدى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى، تارقىتىلغان ماددىي ئەشيا ۋە تولۇقلىما پۇلنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇلدى، شاڭراۋ ناھىيەسى چىڭشۈي يېزىسىنىڭ چيەنۋاڭ كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېڭى ئىشخانا بىناسىنى كۆچۈرۈش باھانىسىدا كەلسە كەلمەس مېھمان چاقىرىپ، بۇزۇپ چاچقانلىقتىن ، چىڭشۈي يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى، يېزا باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى، چيەنۋاڭ كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارىنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش فاڭجېنى ۋە راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشنى قاتتىق تۇتۇشتەك مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ــ پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر زور سىياسىي ۋەزىپىسى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە