باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى جۇڭگو ۋە كورېيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن تېزدىن باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى

2013.03.20 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 17-مارت خەۋەر قىلىشىچە: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 17- مارت ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 80-قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە كورېيە پىرېزىدېنتى پاك گۇنھى بىلەن تېزدىن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئابى شىنزو رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېزدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز جۇڭگوغا، ياپونىيەنىڭ سۆزلىشىش ئىشكىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىز.

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، دىپلوماتىك يوللار بىلەن 5-ئايدا كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونىيە، جۇڭگو، كورېيە باشلىقلىرى ئۇچرىشىش مەزگىلىدە باش ۋەزىر ئابى شىنزو بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىك ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە